تەرجىمە: ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى: 2019- يىلدا ئامېرىكا ـ خىتاي توقۇنۇشى سودا ئۇرىشى ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىدۇ.
ئاپتور: دېۋىد رېرننىي ( ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى خىتاي بىروسىنىڭ مەسئۇلى )
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-22
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئىقتىسادشۇناس ژۇرنىلى (The Economist ) 1843- يىلى لوندوندا تەسىس قىلىنغان بولۇپ ئاساسلىقى ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەر، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىقتساد ئانالىزلارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ژۇرنال 1843- يىلدىن بۈگۈنگىچە بىر ھەپتىمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرىدۇر. پەقەت شىمالىي ئامېرىكىدىلا بىر مىليۇن مۇشتەرىسى بار.
بۇ ژۇرنالنىڭ ھەپتىلىك سانلىرىدىن باشقا ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر سانى بار. بۇ ساندا ئادەتتە كىيىنكى بىر يىلدا دۇنيادا نىمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، 200 يىلغا يېقىن تەجرىبىسى ، غايەت زور ئەقىل ۋە ئىقتساد كۈچى شۇنداقلا توغرا تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن ھەر يىلى يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى خېلىلا يۇقىرى نىسبەتتە توغرا پەرەز قىلىپ كەلمەكتە. مەسلەن 2017-يىل ئاخىرىدا چىقارغان ئالاھىدە سانىدا 2018-يىلىدا سۈرىيەدىكى دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس ۋە سايلام نەتىجىلىرىنى توغرا پەرەز قىلغان . تەبىئي ترامپنىڭ ئامېرىكىغا پرېزدېنت بولىشى قاتارلىق بەزى چوڭ ئىشلارنى توغرا پەرەز قىلالمىغان تەرەپلىرىمۇ بار . شۇڭا ژۇرنالدا دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىنى شۇنداق بولىدۇ دەپ چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ دۇنيا سىياسىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئالاھىدە ساننىڭ مۇقاۋىسىدا شىفىرلىق ياكى سىمۋوللۇق رەسىملەر بولۇپ كىشىنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. پەقەت موشۇ رەسىملەر توغرۇلۇقلا دۇنيادا نۇرغۇن تىللاردا ئانالىز پىروگراممىلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2019- يىلغا ئائىت ئالاھىدە ساننىڭ مۇقاۋىسىدا باركودلۇق خالتىنى توشۇپ ماڭغان تۇرنىنىڭ رەسىمىنىڭ بېسىلىشى (غەربنىڭ مەسەللىرىدە تۇرنا ئادەتتە كىچىك بوۋاق بالىلارنى تۇلۇمغا سېلىپ بىر يەردىن بىر يەرگە توشۇيدىكەنمىش، شۇڭا تۇلۇم كۆتۈرگەن تۇرنىنى كۆرگەن غەربلىكلەرنىڭ كاللىسىغا ئادەتتە بىرىنچى بولۇپ بوۋاق بالا كىلەرمىش ) ۋە ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايدا گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوشماق قىز بوۋاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. يېڭى مۇقاۋىدا يەنە خرىستئان ئەقىدىسىدە قىيامەت ياكى چوڭ ئۇرۇشنى تەمسىل قىلىدىغان «تۆت ئاتلىق » مۇ ئورۇن ئالغان. يەنە يۈز تونۇش سىستىمىسى ، توكلۇق ماشىنا، ئايغا چىقىش، كەيپى يوق مۈشۈكئېيىق ….قاتارلىقلار.
بۇ يىل 2019- يىلى، يەنى داۋىنچىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500- يىلى ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ۋە ۋېرسال خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ 100-يىلى، خىتايدا 4-ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭمۇ 100- يىلى. يەنى ئادەتتىكى بىر يىل ئەمەس ئىكەنلىكى ئېنىق .
بۇ قېتىملىق ئالاھىدە ساندا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن 2019- يىللىق ئامېرىكا ـ خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئائىت بىر پارچە يازمىنى تەرجىمە قىلدۇق. ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ئادەتتە بەك ئۇزۇن بولمايدۇ، قىسقا ئەمما بىر تال ئارتۇقچە سۆز يوق. شۇڭا تۆۋەندىكى ماقالىنىڭ ھەر بىر جۈملىسىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
2019- يىلى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومىنىست پارتىيىسى ھەرقانداق خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر نەتىجىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىدىكى ئوخشىمغان پىكىردىكى زەردارلارنىڭ ئوخشاش پىكىرگە كېلىپ خىتايغا قارشى تۇرىشى.
ئامېرىكىدىكى بۇ ئىتتىپاقلىشىش بىر زىددىيەتنى باشقىلاردىن مەخپى تۇتىدۇ. ترامپ زۇڭتۇڭنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى، جاسۇسلار، يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار ۋە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ كونگرېس ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپ خىتاينى مەۋجۇت خەلقئارا تەرتىپ ۋە قانۇنغا 1- دەرىجىلىك تەھدىت سالغۇچى دەپ ئېلان قېلىشىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاينى بىر پارتىيىلىك تۈزىمى ، بايلىقى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارا تىجارەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماسلىق، مەخپىيەتلىك ئوغۇرلاش، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى بوزەك قىلش، خىتاي پۇقرالىرىغا قارتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىش، ساياھەت ۋە ئوقۇش سەۋەبلىك چەتئەلگە چىقىشنى چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلەيدۇ.
يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەمىلىيەتتە بىرلا ئەزاسى بار، يەنى دونالد ترامپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ھېچقانداق زۇڭتۇڭغا ئوخشىمايدىغان كىشى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قانۇن ـ تۈزۈملەرگە بويسۇنمايدىغان قىلمىشلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر تەرىپىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. ئو خىتايلارنىڭ ھەمىشە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئېكىسپورتقا يۈزلەنگەن ۋە قورۇقچى سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن غەلبە قازىنالايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، 2019- يىلىدىمۇ ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى « بىكارلىق پويىزغا چىقىۋالغۇچىلار » دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئامېرىكىغا قوغداش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئو يەنىلا خەلقئارا قائىدە ـ نىزام ۋە ھەق ـ ھوقۇقلارنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ۋەھشى مۇئامىلىسى بۇ ھەقتىكى ئېچىنىشلىق بىر مىسال بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا كونگرېسىنىڭ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگىرلارغا سولانغانلىقى توغرىسىدا پاكىت توپلاش ئۈچۈن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى ئېچىشىنى كۈتۈش، شۇنداقلا ترامپنىڭ خىتايغا ھېسداشلىق قىلىپ ،ئىسلامىي تېروررىزىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «تۆمۈر مۇش » سىياسىتى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇش كېرەك.
لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن، ئاددىي بىر چۈشەنچە ترامپ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاشكارلىغانلىقىغا ۋە ئامېرىكىدىن پايدىلىنىپ تېخنكا، ئىقتساد ۋە ھەربىي جەھەتلەردە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇشنى نىيىتىگە پۈككەنلىكىگە قارتا ئورتاق تونۇشقا كېلشىدۇ. خىتاينى بۇ نىيىتدىن ياندۇرۇش ياكى ئاستىلىتىش ئۈچۈن ترامپ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ ۋە بۇنى ئاخىرقى پۇرسەت دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا سودا ساھەسىگە مەبلەغ سالىدىغان ۋە ئۆي ـ مۈلۈك سېتىۋالىدىغان خىتايلارغا نىسبەتەن چەكلەش ياكى قىيىنلاشتۇرۇش قانۇنلىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئامېرىكا كونگرېسى مەبلەغ ياكى كرېدې بەرمەسلىك ۋاستىسى بىلەن تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتىتلىرىنى خىتاي مەبلىغى بىلەن ئېچىلىۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ ئىشپىيونلۇق ياكى خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنى پاش قىلىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا كونگرېسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا پەن -تېخنىكا شىركەتلىرىگە بېسىم قىلىپ، نازۇك تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىن كۆچۈرۈپ چىقىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن.
خىتاي بۇلارغا ناھايىتى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. گەرچە 2019- يىلى خىتاي ـ ئامېرىكا باج ئۇرۇشى بىلەن باشلانسىمۇ، لېكىن يىل بۇنداق ئاخىرلاشمايدۇ. 2019- يىلى خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىقتسادىي ئېشىشى ئاستىلايدۇ. خەلقئارادا «خىتاي قەرز قىلتىقى » نەزەرىيىسى كەڭ تارقىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئاساسي ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرلىشى رامكىسى ئاستىدا خىتايدىن ئالغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن جان تالاشماقتا. مۇسۇلمان دۆلەتلەر شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستان ـ ت) باستۇرۇشلارغا قارتا تېخىمۇ كۆپ ئىتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچى مقىملىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا سەل يۇمشىشى مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمىتى سودا ئۇرۇشىدا ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بەسلەشمەيدۇ. ئۇلار بۈگۈنگىچە چەكلەپ كەلگەن ساھەلەرنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ كارخانىلىرىغا ئېچىپ بېرىدۇ، مەبلەغ سېلىشتىكى بەزى توسالغۇلارنى قالدۇرۇپ، مىليارد دوللارلاپ ئامېرىكا ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئوخشاش باجنى ئۆستۈرۈپ ، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنىڭ يىتەرلىك سەۋەبلىرى بار. بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ خىتايدىن پەرقلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرش ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەشتۈرىدۇ. بېيجىڭدىكى كومىنىست خىتاي رەھبەرلىرى ياۋرۇپا، ياپۇنىيە ۋە كورىيە كارخانىلىرىغا خىتايغا مەبلەغ سېلىش توغرۇلۇق يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەتتا تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملارغا بېسىم قىلىپ، خىتاينى ئىلغار تېخنىكا جەھەتتە ئۆزىگە تايىنىدىغان سەۋىيىگە ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنىدۇ.
موشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ھىسابلاشلىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۈركىلىشى 2019- يىلىدا «پارتلاش » دەرىجىسىگە يېتىپ بارمايدۇ.
قىسقا مەزگىل ئىچىدە، رىقابەت مەنتىقىسى ئىككى دۆلەتنى ئوخشاش بولمىغان رىقابەت مەيدانلىرىغا ئىتتىرىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى چاۋشيەننىڭ سىتالىنچە يادرو قورال پىروگراممىسى ئۈستىدە ئوزۇنغا سوزۇلغان ۋە ھارغىن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بارغانسېرى بۇ ئىش توغرۇلۇق ياردەم قىلمايدىغان بولۇشقا باشلايدۇ، ئەكسىچە چاۋشيەنگە قاراتقان ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلىپ باشقا يېڭى سۆھبەت قاناللىرىنى ئېچىشقا باشلايدۇ. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا تېخىمۇ چوڭ خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، تالاش ـ تارتىش بولىۋاتقان ئاراللارغا يېڭى قورال سىستىمىلىرىنى ئورنىتىدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەربىي پاراخۇتلىرىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى. خىتاي دىپلوماتلىرى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق يىغىنلاردا دائىم رۇسىيە بىلەن بىر تەرەپكە ئۆتىۋېلىپ «بۇزغۇچى »لىق رولىنى ئوينايدۇ.
دۇنيا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ( تەخمىن قىلغىلى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ـ ت ) توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى سودا ئۇرۇشىمۇ ئەمەس، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئەمەس، قوش تەرەپلىك چەكلەش ئېلىپ بارىدىغاندەك تۇرىدۇ.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
مەنبە:
ئىقتىسادشۇناس : «2019 دىكى دۇنيا » ئالاھىدە سانىدىن تەرجىمە قىلىنىدى .