نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا يەرلەشكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلدى

ئۇيغۇر تۇتقۇنلار

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ماي

ئۈچ ئۇيغۇر تايلاندتا ئون يىلدىن ئارتۇق ئېغىر تۇتقۇندا تۇرغاندىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىدا جىمجىتقىنا كاناداغا يۆتكەلگەن. بۇ ئۇچۇر تايلاند قانۇن چىقارغۇچىلىرى ۋە ئاكتىپىستلاردىن كەلگەن. بۇ قويۇپ بېرىش تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇشى نەتىجىسىدە دۇنيا بويلاپ غەزەپ قوزغالغاندىن بىر نەچچە ئاي كېيىن يۈز بەردى. قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار خىتايدا قىيىن-قىستاق، چەكسىز تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار نامىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن قانۇن چىقارغۇچى كانناۋى سۇئىبساڭ ۋە مۇھاجىرلار ھەم قاچقۇنلار بىلەن زىچ ئىشلەيدىغان تايلاند كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى «خەلق كۈچلەندۈرۈش فوندى»نىڭ رەئىسى چالىدا تاجاروئېنسۇكنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئاپرېل ئېيىدىكى تايلاندنىڭ سوڭكران بايرىمى ھەپتە ئاخىرىدا كاناداغا يول ئالغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.