نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تارىختىكى ئەڭ چوڭ (ختاي-ئۆزبەكستان ھەمكارلىق مۇنبىرى )ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئەركىنجان، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 22-يانۋار.

22-يانۋار ختاينىڭ ھەر قايسى ئ‍ۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە چوڭ شركەتلىرى-ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، ئۆزبەكستاندىن كەلگەن سياسى ۋە ئېقتسادى ئ‍ەربابلار بىلەن كۆپ ساھەدە ھەمكارلىق مۇزاكىرە قىلدى ۋە توختام ئىمزالىدى.

ختاي ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبەكستان بىلەن ئاخىر ئ‍ۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان، ھەممە ساھەدە مەنپەئىتى چەمبەرچەس باغلانغان كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق تۈرىگە ئىمزا قويدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ، ئۆزبەكستان مۇئاۋىن باش منستىرى، مۇئاۋىن تاشقى ئ‍شلار منستىرى، 100 دىن ئارتۇق چوڭ كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئىلگىرى ئىككى تەرەپ -سودا كىلىشمى، مەدەنىيەت كىلىشمى،سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارغان.

ئەمما بۇ قېتىمقىسى كۆلەم، سان، دائىرە جەھەتتە ئەڭ زور ھسابلانغان بىرى بولۇپ، ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تۇنقى قېتىم ئاتالمىش شنجاڭ دائىرلىرى (مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان)غا ئۆزبەكستان بىلەن باش منستىر ۋە تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى دەرىجىلىك ئەڭ يۈكسەك دىپلوماتىيە ھوقۇقىنى بەرگەن.

ئۆزبەكستان مۇئاۋىن باش منستىرى مۇنداق دىگەن: ختاي ئ‍ۇزۇن مۇددەت سناقتىن ئۆتكەن ئ‍شەنچلىك ھەمراھىمىزدۇر.يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ئىككى تەرەپ ئالى رەھبەرلىرىنىڭ تېرشچانلىقى نەتىجىسدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسدىكى ھەر قايسى ساھەرلەردە كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرشتۇق.مۇناسۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرىنى راۋاجلاندۇرۇش زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.