نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تارىخى ۋەقە: گىرمانىيە پارلامىنتىدا «پارلامىنت ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

گىرمانىيە پارلامىنتى

5-سىنتەبىر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

بىرلىن-گىرمانىيە پارلامنىتىدا ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلغان تارىخى بىر ھادىسە يۈز بەردى،«گىرمانىيە پارلامىنتى-بۇندستاگدا، ئۇيغۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى.

مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە دائىر مەسللەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان، يېڭى ۋە ئەھمىيەتلىك لايىھەلەر ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان گۇرۇپپا بولۇپ، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسى-ئۇيغۇر مەدەنيتىنى قۇتلۇقلاش بىلەن باشلانغان بولۇپ، پارلامىنىت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر دىئاسفورا ئەزالىرى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دىگەن:

«گىرمانىيە بۇندستاگ (گىرمانىيە فىدرال پارلامنىتى)دا پارلامنىت ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە سموۋللۇق رولغا ئىگە.1990-يىللاردىن بىرى، كۈنسايىن ئ‍شۋاتقان ختاينىڭ باسقۇنچى سياسەتلىرىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار گىرمانيەنى ئۆزىنىڭ يېڭى يۇرتى قىلدى.بۈگۈن گىرمانييە ئۇيغۇر دىئاسفوراسدىكى مەركەزلىك جايلارنىڭ بىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يتەكچى تەشكىلاتى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جايلاشقان دۆلىتىدۇر.»

پارلامىنىت ئەزاسى پېتىر ھەيدىت (Peter Heidt. )مۇنداق دىگەن:بىز شنجاڭدىكى كىشلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئ‍شلارنى قىلىشمىز كىرەك.»

پارلامىنت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باشلىق دەريا تۈرك ناچبائۇر (Derya Türk-Nachbaur )مۇنداق دىگەن: ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا قىلىنغان ئادالەتسزلىككە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان مەزكۇر دوسلۇق گۇرۇپپىسغا ئەزا بولغۇچى پارلامىنىت ئەزالىرى :

 Peter Heidt (FDP), and the Vice Chairs MP Derya Türk-Nachbaur (SPD), MP Boris Mijatović (The Greens), MP Michael Brand (CDU/CSU), represented by MP Norbert Altenkamp (CDU/CSU), and MP Ulrich Lechte (FDP)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.