نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تاراتقۇلار: ياۋروپا ئېتتپاقى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەشتە ئامېرىكىدىن كىين قالماقتا

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 4-مارت

نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن پولىتكو ياۋروپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئېتتپاقى مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش جەھەتتە ئامېرىكىغا يتېشەلمىگەن.

ياۋروپا ئېتتپاقى ناھايتى ئۇزۇن كېچىككەندىن كىېين يېقىندا ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى -ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇ ختايغا ئۈنۈملۈك زەربە بىرەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا ياۋروپا ئېتپاقىنى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە چاقىرغىلى بەش يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ياۋروپا ئېتتپاقى تېخىچە ئامېرىكا ماقۇللاپ يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى» سەۋىيسدىكى كۈچلۈك قانۇن ماقۇللاپ چىقالمىغان.

ياۋروپا ماقۇللىماقچى بولغان قانۇن 2022-يىلى ياۋروپا كومېتىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق نشانى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتشلىق مەھسۇلات ۋە شركەتلەرگە زەربە بىرىدىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز يېقىندا يازغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرى ئەمگىكى 2023-يىلىمۇ ئىزچىل كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار داۋاملىق قۇل قىلىنماقتا ئىكەن.

پولتىكونىڭ ئىلان قىلىشىچە، مۇتەخەسسلەر ختاي كەم بولغاندا، 1 مىلىيون 500مىڭ ئۇيغۇرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالىدىكەن.ھازىرغىچە بۇ ساننى ئەينەن ئىنىقلاش مۇمكىن ئەمەس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.