نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئتالىيە ختاينىڭ « بىر يول بىر بەلباغ»پىلانىدىن رەسمى چېكىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

italy

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 6-دىكابىر

ئىتالىيەنىڭ ئايال باش منستىرى گېئورگىيە مىلونى يتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت بېجىڭغا ئىتالىيەنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، ختاينىڭ « بىر يول بىر بەلباغ»پىلانىدىن رەسمى چېكىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ختاينىڭ « بىر يول بىر بەلباغ»پىلانى-ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ 2013-يىلى ئىلان قىلغان يەرشارى ئېقتسادى تۈرى بولۇپ، ئاسيا، ئافرىقا، ياۋروپا بويلاپ، ھەر خىل قۇرۇلۇشلارغا `1 تېرىلىيون دوللار مەبلەغ سلىشنى نشان قىلغان.ئىتالىيە مەزكۇر پىلانغا قوشۇلغان بىردىنبىر چوڭ ياۋروپا دۆلىتى.

ئامېرىكا مەزكۇر پىلاننى «قەرز قىلتىقى»،«دىپلوماتىك قىلتاق»دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن.

ختاي بۇ پىلان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە كۈچەيتىپ كەلگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.