تالىبان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش پەرمانى ئېلان قىلدى، مارتتا قىزلار مەكتىپى چەكلەنگەن خەلقئارا جەمئىيەت ئەيىبلىمەكتە
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-ماي

«ئەلجەزىرە»، «تۈركىيە ئاۋازى»، ئامېرىكا «CNN» ، «فوكس» خەۋەرلىرى، ئەنگلىيە «BBC» ۋە « رويتېرىس » ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن ئافغانىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تالىبان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بارلىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش لازىملىقىنى ۋە ئەنئەنىۋى بۇرقا كىيىشى لازىملىقىنى ئېلان قىلغان. پەرماندا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ئاۋۋال ئەرلىرىگە نەسىھەت قىلىنىدىغانلىقى، يەنە ئۇنىمىسا، قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، ئەگەر ھۆكۈمەت خادىمى بولسا ئىشتىن بوشتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
23-مارتتا تالىبان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 6-يىللىقتىن يۇقىرى قىزلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشنى چەكلىگەن ۋە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاقىغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تالىبانغا ئىقتىسادى ياردەمنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەمما سىياسىي دىئالوگ تالىباننىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن توختاپ قالدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونى گۇتتىرس تالىباننى ئاياللار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
More Stories
ئۆزبەكستان پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇنىڭ كىتاۋىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمسنى سوۋغات قىلدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ختاي غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ.