نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تالىبان خىتاي سۆھبىتىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىندى ؟

خىتاي- تالىبان سۆھبىتى

 ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021-يىلى ، 28-ئىيۇل

7-ئاينىڭ 25 ۋە 26-كۈنلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تيەنجىن شەھىرىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار زىيارەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقان كۈنىنىڭ ئەتىسى، يەنى 27-ئىيۇل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوخشاش بىر شەھەردە تالىباننىڭ 2- نومۇرلۇق كاتتىۋېشى موللا ئابدۇل غېنى بارادار (Mullah Abdul Ghani Baradar) نى كۈتۈۋالدى. ئۇنداقتا بۇ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا يەنە قانداق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟

تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل نەيىم (Muhammad al-Naim) چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تالىبان تەرەپتىن موللا ئابدۇل غېنى بارادار باشچىلىقىدىكى 9 نەپەر كىشى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىنى زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا خىتاي -ئافغانىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى قاتارلىقلار بىلەن تىنچلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان. خىتاي باياناتچىسى جاۋ لى جىيەن مۇ چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى دەلىللىگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئافغانىستان زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا سۆھبەتتە تالىبان رەھبىرى موللا ئابدۇل غېنى بارادار ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن، شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ ئافغانىستان تىنچلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئادىل، ھەم ئاكتىپ مەيداندا تۇرۇپ ياردەمدە بولغانلىقىنى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان. ئۇ يەنە ئافغانىستان چىگرىسى ئىچىدە خىتايغا قارشى ھەرقانداق ئىش- ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بەرگەن. تالىبان باياناتچىسىنىڭ كابۇل شەھىرىدە ”فرانسىيە ئاگېنتلىقى“نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن زىيارىتىدىمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار تورىدىكى سۆزلەر دەلىللەنگەن بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن :“ تالىبان تەرەپ خىتايغا شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، ئافغانىستان تۇپرىقىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق ۋەقەلەرنىڭ سادىر بولماسلىقىغا كاپالەت قىلىدۇ“. 

سۆھبەتتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: “ خىتاي ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلىتى، بىز ھەرقاچان ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىمىز. ئەزەلدىن ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز“. ئۇ يەنە خىتاينىڭ تالىبانلارغا بولغان مەيدانىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: “ تالىبانلار ئافغانىستاندىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ، ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇپ چىقىشىدا شۇنداقلا تىنچلىق مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلىق رول ئوينايدۇ“. فرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: “ ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئالدىراش ھالدا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى، بۇ ئافغانىستان خەلقىگە تىنچلىق ۋە مۇقىم بولغان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ“.

ۋاڭ يى سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: “ “شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ تەشكىلاتى ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تېررورلۇق تىزىملىكىدىكى تەشكىلات، بۇلار خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. “شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى“ گە زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بىز تالىبان تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چەك چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، مۇستەھكەم ھالدا ئۇلارغا زەربە بېرىشىنى،  رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق بولغان شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز“.  

خەلقئارا مېدىئالارنىڭ دىققىتىنى چەككەن نۇقتا شۇ بولدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى(Ashraf Ghani) بىلەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولغان بولۇپ، سۆھبەتتە شى ئىپادە بىلدۈرۈپ ئوخشاشلا خىتاي تەرەپنىڭ مۇستەھكەم ھالدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

 

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.