تەيۋەن پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئايلىق مائاشىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
تەيۋەن پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئايلىق مائاشىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان
ئېھسان شۈكران
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-فېۋرال
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يېڭۋېن ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋىليام لەي بايانات بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن : « پرېزىدېنت سەي ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەش رايونىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
تەيۋەن تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە 2 مىليون دوللار ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان ۋە ئىككى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.
مەنبە : Euronews Türkçe