فېۋرال 24, 2026

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تاھىر ھامۇت ئىزگىل «كىشىلىك ھوقۇق فوندى»2024-يىللىق ئىجادى قارشىلىق كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تاھىر ھامۇت

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-ماي

كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) 2024-يىلدىكى ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي قارشىلىق كۆرستىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى: ئىرانلىق hip-hop سەنئەتكارى توماج سالىھى ، ئۇيغۇر شائىرى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە ۋېنېزۇئېلا پىئانىنوچىسى ۋە خاتىرىلىگۈچى سەنئەتكار گابرىئېلا مونتېرو.

كىشلىك ھوقۇق فوندى -ئامېرىكا ۋە نورۋىگىيدە يەرلەشكەن تەسرى ئەڭ كۈچلۈك كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئ‍وسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى.

مەزكۇر ئورگان تاھىر ھامۇتقا بەرگەن مۇكاپات سۆزىدە مۇنداق دىگەن:

«ئىزگىل كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرى ، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە پائالىيەتچى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاۋانگارت شېئىرىيىتى بىلەن تونۇلغان . ئىزگىل ئەسلىدە قەشقەردىن بولۇپ ، 1989-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇ سەزگۈر ئەدەبى ئەسەرلەرنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2017-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رايوندىن قېچىپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

ئىزگىلنىڭ يېڭى ئەسلىمىسى «كېچىدە قولغا ئېلىنىشىنى كۈتۈش: ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ختاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەسلىمىسى» ناملىق يېڭى ئەسلىمىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياشاپ قېچىش مۇساپىسىنى خاتىرىلەپ ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان گۇۋاھلىقىنى كەڭ دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ كىتابى «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «50 داڭلىق فانتازىيىلىك ئەسەر» نىڭ بىرى ۋە «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «2023-يىلدىكى 100 ئوقۇشقا تېگىشلىك 100 كىتاب» نىڭ قاتارىغا تىزىلغان.»

تاھىر ھامۇت ئىزگىل بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ماڭا ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن باشقا ئىككىيلەنگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

مەزكۇر مۇھىم مۇكاپات- تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئەسرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجادى يوسۇندا يورۇتۇپ بىرشتە ئاپتورنىڭ كەسپى مۇۋەپپەقىيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، مۇشەققەتلىك ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ زۇلمەتلىك قسمەتلىرىنى قايتىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىگە كەلتۈرىدۇ.