نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن  تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

تۈركستان ئ‍سلام پارتىيسى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 4-ئېيۇن

ئەلجەزىرە، سۈرىيەنىڭ مۇستەقىل خەۋەر قانىلى لېۋانىت 24 , ۋە ئەنگىلىيەنىڭ رويتىرىس ئاگنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،  3500 دىن ئارتۇق  چەتئەل جەڭچىلىرىنى—شۇنىڭ ئىچىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP) نىڭ ئۇيغۇر ئەزالىرىنى—ئامېرىكا قوللايدىغان تەشەببۇسنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يېڭى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەسىگە بىرلەشتۈرىدۇ، دەپ خەۋەر قىلدى Reuters دۈشەنبە كۈنى.

بۇ جەڭچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئىشغاليتى ئاستىدىكى قىلغان ئۇيغۇر ۋەتىنى-شەرقى تۈركستان ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا پىدائىي سۈپىتىدە سۈرىيەگە كېلىپ، قوزغىلاڭچى ۋە جىھادچى گۇرۇپپىلار بىلەن بىللە جەڭ قىلغان. تەھرىر ھەيئەت شامنىڭ سۈرىيەنى باشار ئاسات ھۆكۈمىتىدىن تارتىۋىلىشغا ھەسسە قوشقان.

TIP رەھبەرى ئابدۇلئەزىز داۋۇت خۇدابەردى ، يەنە بىر ئ‍سمى زاھىد 2024-يىلى دىكابىردا  برىگادا گېنېرالى بولۇپ تەيىنلەنگەن 

 ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىسى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى بولغان توم بارراك سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىنكى سۈرىيەدە رۇسىيە ۋە خىتايغا تايىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ  بەلگىسى ھېسابلىنىدىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.