تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئۆكتەبىر
گازادىكى پەلەستىن سەھىيە مىنستىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئۆكتەبىرگىچە ئسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 8000 گە يەتكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە 3000 كىچىك بالا بار.
ئسرائىلىيە ئارمىيسى 29-ئۆكتەبىر گازاغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن. ئسرائىلىيە ھاماسنى يوقاتمىغۇچە توختىمايمىز دەپ ئىلان قىلدى.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىمى كۆپەيگەنسرى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق كۈچىيىپ ماڭماقتا.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاكدىنقى كۈنى كۆپ سانلىق قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى.دۇنيانيڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش داۋام قىلماقتا.
تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئسرائىلىيەگە قارشى ئەڭ كۆپ نامايىش ئىلىپ بىرىلغان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيە پىرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان« ئسرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايەتچسى دەپ ئىلان قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز»دىدى.
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە