بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 12- نويابىر
شۋېتسىيە پوچتا-تېلېگراف باش ئىدارىسى (Swedish Post and Telecom Authority, PTS) ئالدىنقى ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ، شۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5G كىمئارتۇق سودىسىدا خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، خۇاۋېي بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ھەپتە PTS ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىدى. شۋېتسىيە سوتى 9- نويابىر ھۆكۈم چىقىرىپ، خۇاۋېينى 5G كىمئارتۇق سودىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش بۇيرۇقىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئەسلى 10- نويابىردا ئېلىپ بېرىلىدىغان 5G كىمئارتۇق سودىسىمۇ مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
مەنبە: فرانسىيە رادىئوسى
More Stories
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
ترامپ بىلەن شى سودا سۆھبىتىنى جانلاندۇرۇشقا كىلىشتى
ئاق ساراي مەخسۇس كورونانىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغان سەھىپە ئاچتى.