نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

شىمالىي ئامرىكا ئىسلامي ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرىئان شمالى ئامېرىكا ئ‍سلامى ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ختاينىڭ ئ‍سلامغا قارشى سياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

25-ئۆكتەبىر، ۋاشنگىتون

 

ئۇيغۇرىئان شمالى ئامېرىكا ئ‍سلامى ھەمكارلىق مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ختاينىڭ ئ‍سلامغا قارشى سياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

 


باش مەركىزى نيۇيوركتىكى شمالىي ئامېرىكا ئ‍سلامي ھەمكارلىق مۇنبىرى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كونفىراستا خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئ‍سلامغا بولغان نەپرەت تېمىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىسى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئ‍ان ختتاي كومپارتىيەسنىڭ شەرقىي تۈركستان-ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئ‍سلامغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى تەپسلى تونۇشتۇردى.
ئۇ مۇنداق دىدى: « مۇسۇلمانلار بىر قسم دۆلەتلەرنى ئ‍سلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ دەپ قاراۋاتقان بىر پەيتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ختتايدىكى ئ‍سلامغا بولغان دۈشمەنلىك ۋە سۈيقەسكە كۆز يۇمۇشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق. ختتاي ئ‍سلامغا ئۆچمەنلىكنى باشقا ھەر قانداق دۆلەتتىن ئاشۇرۋەتتى. ئۇ ئ‍سلامنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش پىلانىنى ئ‍ىجرا قىلىۋاتىدۇ. مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئەگەر ئ‍سلامنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ختتايغا قارشى دەس تۇرۇشى،ھەرىكەت قوللىنىشى كىرەك!».
يېغىندا بىرما، ھىندستان باشقا دۆلەتلەردىكى ئ‍سلامغا بولغان ئۆچمەنلىك مۇزاكىرە قىلىندى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.