نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

شى جىن پىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا يوليورۇق بەردى.

xi-jallat-urumchide

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 29-ئاۋغۇست

ختاي دۆلەت رەئىسى، ختاي كومپارتىيسى باش كاتىۋى، ختاي ھەربى ئ‍شلار كومېتىتى رەئىسى شى جاللات 26-ئاۋغۇست جەنۇبى ئافرىفىنىڭ يوھاننىسبرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك دۆلەتلەر يېغىننى ئاياقلاشتۈرۈپ، ئادەتتىكى قائىدىسگە خىلاپ ھالدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن.

ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن شنخۋا ئاگېنتلىقى ۋە شنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە، شى جاللاتنىڭ قسقا دوكلات ئاڭلىغاندىن كىين قىلغان سۆزلىرى كەڭرى ئورۇن ئالغان.

شى جىن پىڭ سۆزىدە مونۇ ئۈچ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن:

بىرىنچى: شنجاڭنىڭ مۇقىملىقى-دۆلەتنىڭ ئومۇمى ۋەزىيتىدىكى ستىراتىگىيەلىك  مۇھىم ئەھمىيتى؛ يەنى شنجاڭنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇش-ختاينىڭ مەۋجۇتلۇقى-تەرەققىياتى ئۈچۈن قەتئى مۇھىم دىگەننى تەكىتلىگەن.

ئىككىنچىدىن: شنجاڭنىڭ مۇقىملىقى-تىرورلۇققا زەربە بىرىشنى تەكىتلىگەن. بۇ ئارقىلىق داۋاملىشۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرىغا ئىلىپ بىرىش.

ئۈچىنچىدىن:  ئورتاق جۇڭخوا مىللى كىملىكىنى مۇستەھكەملەش؛ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكى، مەدەنىيتىنى تەلتۆكۈس يوقتىش سياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش.

ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىن پىڭ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغاندىن كىين، رايونلۇق ھۆكۈمەت-پارتكوم ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىغان. 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.