ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 21- ماي
ياپونىيە كاگوشىما خەلقئاارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناق قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سەئىجى نىشىھارا تەرىپىدىن بىرلىكتە تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان مەكتۇپلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك ئەسەر تۈركىيە پاراگدىگمە ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەسەر 2012- يىلى ياپونىيەدە ئېنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىنغان ئەسەر ئاساسىدا تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان.
مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللانغان مەكتۇپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتۇپلار ئىچىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا يوللانغان مەكتۇپلاردىن تەركىپ تاپقان.
More Stories
روشەن ئابباس خانىمنىڭ «يېمىرىلمەس-بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەشلىرى» ناملىق كىتاپ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئالقشلاندى
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلانغان يېڭى كىتابى نەشر قىلىندى
«ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغان