سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دىئالوگى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلدى
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 6-ئاپرېل
ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت دىپلوماتلىرىنىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇسى CCTV نىڭ خەۋىرىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قايتا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى خىتاينىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىگەن ياراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ تەرىپلىگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن كۇۋەيت ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغىنىنى بىلدۈرگەن.
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە