نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

سالىھ خۇدايار: مەن ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن

سالىھ خۇدايار

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئ‍ۇيغۇر سياسى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار 8-ئۆكتەبىر تېۋىتتردا ئىنگىلىزچە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:

«بەزى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ھالدا، مەن ختاي ۋە ئىراننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خاماسنىڭ غالجىرلىقىغا قارشى ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىمەن. ختاي پەلەستىننى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقى تۈركستاننى بېسۋىلىشنى، رەھمسزلەرچە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقا نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئوخشاش، پەلەستىن نومۇسسزلارچە بىزنى ئەزگۈچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرماقتا.»

سالىھ خۇدايارنىڭ تېۋىتترىنى 37 مىڭ ئادەم كۆرگەن بولۇپ، ئ‍سرائىلىيە ۋە ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ قوللىشغا رەھمەت ئىيتقان بولسا، بىر قسم ختاي ۋە پەلەستىن قوللىغۇچىلىرى ئۇنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى جاسوسى دەپ ھاقارەت قىلغان.

سالىھ خۇدايارنىڭ تېۋىتتردا 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچسى بار بولۇپ، ئەگەشكۈچىسى كۆپ 10 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ھسابلىنىدۇ. چوڭ تاراتقۇلار، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تېۋىتتر ئارقىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرشىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.