پارتلاتقۇچ:پۇتىن يادرو قورالى بۆلۈمىگە تەييارلىق بۇيرۇقى چۈشۈردى
ئەركىن ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى.27-فېۋرال
سى ئەن ئەن نىڭ ئىككى مىنۇت بۇرۇن بەرگەن خەۋىرىدە، پۇتىن نىڭ يادرو قوراللىرىنى تەييارلىق ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
پۈتۈن ناتو قورقۇپ ئۇرۇشقا چۈشەلمىگەن رۇسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى 4 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە زور دەرىجىدە ئۇتتۇرىۋەتتى. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى، ئارمىيەسى ۋە خەلقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ روھى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ياردىمى بىلەن رۇسلارنى ئېغىر دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئۇكرائىنا يالغۇز رۇسىيە، چېچىنيە ۋە بىلاروسيە بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا. تۈنۈگۈن كېچە ئۇكرائىنلار ئىككىنچى چوڭ شەھەر خاركىۋنى قايتۇرۇۋالغان. ئۆلگەن رۇس ئارمىيەسى 4200 دىن ئېشىپ، رۇسلارغا روھى جەھەتتە چۈشكۈنلۈك ئەكەلگەن.
پۇتىن ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، يادرو قورالى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا.ئەمما بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن. ئەگەر راستتىنلا ئىشلىتىلسە، رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلىنىشى مۇمكىن.
بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور تالاپەتلىك قورال بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى غايەت زور قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»