رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 26 – ئىيۇن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە 27 ئاۋىستىرالىيە پۇقراسى ۋە 36 يېڭى زېلاندىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەيدۇ. باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەدىكى شەخسلەر ۋە قانۇنىي ئىگىلەرگە سىياسىي غەرەز بىلەن قىلغان جازاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ چەكلىمە ئېلان قىلىندى. يۇقىرىقى چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن خادىملار سىياسىي پائالىيەتچى، ئاپپارات مەسئۇلى، شىركەت مەسئۇلى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر ۋە ئاممىۋى ئەرباب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!
More Stories
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى