نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن

راھىلە داۋۇت

راھىلە داۋۇت

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە پىروففىسور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىق خاتىرە كۈنى.

راھىلە خانىم-ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق قىلغان، نۇرغۇن ياراملىق تەتقىقاتچىلارنى تەربىيلىگەن ئىدى.ئاق كۆڭۈل، سەۋرچان، مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىدى، خەلقىنى ياخشى كۆرەتتى، دىھقانلار بىلەن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى.ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى تەتقىقاتى سەۋەبلىك مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىندى.

بۇ مۇناسۋەت بىلەن مەن خەلقئارا جەمئىيەتنى تۇتقۇندىكى راھىلە داۋۇت ۋە باشقا سانسزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەرھال قويۇپ بىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.

تېۋىتتر ئ‍شلىتىدىغان دوسلارنىڭ راھىلە خانىم ھەققىدە بىرەر يازما يېزىپ، ياكى بىرەر رەسم لايىھلەپ ياكى ۋىدىئو ئ‍شلەپ تارقىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.ھىچبولمىسا، مەن چىقارغاننى تارقىتىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.

رەھمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.