ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋىرىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتى ھەققىدە توختالغان.
ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان.دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان.
ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن كىين، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توردا ساتقانلىقى ئسپاتلار بىلەن يورۇتۇلغان.
نوۋرىگىيەدىكى ئۇيغۇر خەلپ (ئۇيغۇر يار)تەشكىلاتى ئىلان قىلغان تېزىملىكتە 5000 غا يېقىن ئۇيغۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى يورۇتۇلغان ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالاقىدار دوكلاتى ۋول سچرىت ژۇرنىلى تەرىپىدىن مەخسۇس خەۋەر قىلىپ ئشلەنگەن ئىدى.
ئەركىن ئاسيا رادىيوسى ئوتتۇرا ئاسيادا بازار قۇرغان ئۇيغۇر مىلياردىر ئىمىنجان رەھمىتۇللا ، قەشقەردىن خەلىل ھاجىم،قاتارلىق كۈچلۈك كارخانىچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلغانىدى.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ھازىرغىچە تۇتقۇن قىلىنغان 50 دىن ئارتۇق كارخانىچىلارنىڭ نام-شەرىپنى ئايدىڭلاشتۇرالىدى.
More Stories
جىددى: قەشقەر 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە گۇمانلىق ئادەم دەسسەش ۋەقەسدە 14 ئادەم ئغىر يارىلانغان
ختاي شىئەندىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئاچتى
تۇرپاندا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ℃75قا چىقتى.