نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

قسقا خەۋەر :خاماس رەھبىرى يەھيا سنۋار ئۆلتۈرۈلدى

17-ئۆكتەبىر

تاراتقۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ئارميسدىن خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ گازادىكى باش لىدىرى يەھيا سىنۋارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

ياھيا سىنۋار – 1962-يىلى غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھاماسنىڭ قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ ئاكتىپ رول ئوينىغان ۋە كىين سىياسى ۋە ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. ئۇ 1980-يىللاردا يەھۇدىي ھەربىي قوشۇنلىرىغا قارشى بىرنەچچە ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت ھېسابلايدىغان شەخسلەر قاتارىغا كىرگەن. ئ‍سرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ قارالغان غەززەلىكلەرنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلاپ تاشلىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. 1988-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما 2011-يىلى غىلاد شالىت ئىسرائىلىيەلىك ئاسكەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى نەتىجىسىدە 23 يىلدىن كىين تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغان. ئۇ تۈرمىدە ئىبراي تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن.ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھەربى، سياسى قۇرۇلمىسى ھەققىدە كىتاپلارنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ ئ‍نىسى مۇھەممەد سىنۋار بىلەن بىرلىكتە خاماسنىڭ يادرولۇق رەھبىرىگە ئايلانغان. ياھيا سىنۋار، ھەماسنىڭ ئىچكى قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ، غەززە رايونىدا چوڭ تەسىرگە ئىگە بولغان.ئۇ 2024-يىلى 7-ئ‍ۆكتەبىردىكى 1200 ئ‍سرائىلكنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەل ئاقسا تۇفانى ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئ‍سرائىلىيەنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۇشمىنى دەپ ئىلان قىلىنغان.

ئۇ 2024-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئ‍سرائىلىيە ئارمىيسنىڭ ھەربى ھۇجۇمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇ ئىسرائىليە يېقىندا ئۆلتۈرگەن ئىسمايىل ھانيادىن كىين تەسرى ئەڭ زور شەخس ھسابلىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.