سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى تاشقى ئشلار منستىرى شەيبانى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئشلار منستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەتتە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بېخەتەرلىكى، سۈرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرى ۋە سۈرىيە ئېقتسادىنى قايتا قۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ رولى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.
شەيبانى بۇنىڭدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبستان، قاتار، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئشلار منسترلىكى بىلەن ئۇچرىشپ سۆھبەتتە بولغان.
رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى تەسرىنىڭ زىيادە چوڭقۇر بولۇشىدىن ئەنسرەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە