پەيشەنبە كۈنى ئسفاھاندىكى سوت مەھكىمىسى ناخشىچى توماجنى ئۆز ناخشىلىرىدا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلىقى، دىندىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئەزگەن دەپ شئە موللا ھۆكۈمرانلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئاللاھنىڭ زىمىنىدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى جازا-ئۆلۈم جازاسى بىرىلسۇن»دەپ ھۆكۈم قىلغان.توماج ئەڭ دەسلەپ 2022-يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، 251 كۈن تۈرمىدە ياتقان،كىين چىققاندىن كىين ساقچىلارنىڭ ۋەھشى مۇئامىلىسنى، ئىغىر دەرىجىدە ئۇرغانلىقىنى ۋىدىئودا ئاشكارا سۆزلىگەندىن كىيىن يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.توماج ئىلگىرى ناخشىلىرىدا، موللىلارنىڭ ئسلامغا ئۆزى خىلاپلىق قىلىدىغانلىقى، دىن نامىدىن تىجارەت قىلىپ پۇل تاپىدىغانلىقى، دىكتاتۇر ۋە مۇستەبىت سياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىراننى بۇ جازاغا ئىجرا قىلماسلىققا چاقىرماقتا.
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە