ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-مارت
ب د ت باش كاتىپى ئانتوونىيو گۇتېررىش قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دۆلەت چېگراسى ھەققىدىكى شەرتنامىنى «تارىخىي بۆسۈش» دەپ مەدھىيەلمەكتە.
ئىككى دۆلەت چېگراسىدا 2021-يىلى تاقالغان «قىزىل-بەل» ۋە «قايراغاچ» كونترول-ئۆتكۈزۈش پونكىتلىرى قايتا ئېچىلىدۇ. 14-مارتتىن باشلاپ بىشكەكتىن دۇشەنبە ۋە خوجەندكە ھاۋا قاتنىشى يولغا قويۇلىدۇ.
گۇتېررىس تەبرىك باياناتىدا قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا «ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق»قا ئاساسلانغان ئىجابى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئۈمىد بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئېمام ئەلى رەھماننىڭ بىشكەككە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا ئون نەچچە ھۆججەت، جۈملىدىن دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ھەققىدىكى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاندى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئىلگىرى كۆپ قىېتىم چېگرا مەسلىسى سەۋەبلىك كىچىك سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن.
More Stories
ئۆزبەكستان پرېزىدېنتى ترامپقا ئۇنىڭ كىتاۋىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمسنى سوۋغات قىلدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ختاي غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ھەپتىدە ئىككى قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، پەقەت 55 مىنۇتلا كېتىدۇ.