نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

قانۇنسز كۆچمەنلەر ئىختىيارىي ھالدا ئامېرىكىدىن ئايرىلىشقا تەشەببۇس قىلىنماقتا

ئۆزىنى دىپورت قىلىش

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى، ئ‍ەسلى مەنبەسى ئامېرىكا ئاۋازى
11-مارت

ئامېرىكا بىرلەشمە شتاتلار تەۋەسىدە قانۇنسىز يۈرگەن كۆچمەنلەر قاماقتىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن ئىختىيارىي ھالدا دۆلەتنى تەرك ئېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.

«CBP Home» ئەپى چەتئەللىكلەرگە ئامېرىكىدىن ئىختىيارىي ئايرىلىشنى تاللاپ، ھازىر دۆلەتتىن چىقىپ كېتىش، كېيىن دۆلەتكە قانۇنىي يوللار بىلەن قايتىپ كېلىپ ئامېرىكا چۈشىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنى تەقدىم قىلماقتا.
ئەكسىچە بولغاندا، «بىز ئۇلارنى تاپىمىز، دېپورت قىلىمىز ۋە ئۇلار ھەرگىز قايتا كېلەلمەيدۇ»، – دەپ بايانات بەردى دۆلەت بېخەتەرلىك بىخەتەرلىك مىنىستىرى كرىستى نوئېم.

جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت ترامپ قوغلاپ چېقىرىشنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئۆتكەن ھەپتىلەردە قوغلاپ چىقىرىش كۆلىمى سان جەھەتتە دېموكرات پرېزىدېنت جو بايدېن رەھبەرلىكى ئاستىدىكى 2024-يىلنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزگىلىدىكىگە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان.

ترامپ مەمۇرىيىتىنىڭ 11-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىدىغان يېڭى تۈزۈمىگە كۆرە، ھۆججەتسىز كۆچمەنلەر فېدېرال ئورگانلاردا رويخەتكە ئېلىنىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، جەرىمانە ياكى قاماق چارىسى قوللىنىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.