نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ختاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ھېكايىسى تەپسلى ئىلان قىلىندى

راھىلە داۋۇت

مەرغۇبە تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ماي

ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئانىتروپولوگ، پىروففسىور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ تەتقىقات، ئوقۇتۇش ھاياتىغا دائىر تەپسلى خەۋەر ئەنگىلىيەدە چېقىدىغان نوپۇزلۇق تاراتقۇ -پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىندى.

مەزكۇر ئۇزۇن ماقالىدە، راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئاپىسى ۋە قېزى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دوسلىرى ئارقىلىق راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئانا ۋە پەرزەنىت بولۇش سۈپىتىدە، شۇنداقلا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر سۆيۈملۈك پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ پەزىلىتى، نەتىجىلىرى، كۆز-قاراشلىرى يورۇتۇلغان بولسا، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقتىش ئۈچۈن ھىچقانداق ۋاستە تاللىماستىن قوللانغان رەزىل ئۇسۇلى سۈپىتىدە، راھىلە خانىمغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىنى قوغداش يولىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بىرىشى تەپسلى يېزىلىپ، ئۇيغۇرمىللىتى دۇچ كىلىۋاتقان ئاساسى پاجىئە-قىرغىنچىلىق تەپسلى يورۇتۇلغان.

مەزكۇر ماقالە -ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات پاجىئەلىرىنى يورۇتۇپ بىرىشتىكى ئ‍ەستايىدىللىقى بىلەن نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.