تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20201- يىلى 28-مارت
26- مارت تۈركىيە ژاندارما ۋە ساھىل بىخەتەرلىك ئاكادىمىيىسى باشچىلىقىدا، دوكتۇر خالۇك قاراداغ رىياسەتچىلىكىدە، پروفېسسور، دوكتۇر ئالى مەرتان دۇندار، پروففېسسور، دوكتۇر ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ۋە پروفېسسور دوكتۇر ماھمۇت ئەرتان گۆكمەن قاتارلىقلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى بىلەن «رايون بىخەتەرلىكى ئامىللىرى — شەرقى ئاسيا مۇنبىرى» نامىدا لېكسيە ۋە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىلدى. ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندى «ياپونىيە – خىتاي – كورىيە سياسەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكى» تېمىسدا لېكسيە سۆزلىدى.
ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشچە، بۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيەدىن كەتمىگەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ ئالاھىدە پروتوكول بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئارمىيە بىخەتەرلىك ئاكادىمىيىسى ئۇنىڭغا خىزمەت مۇكاپاتى بەرگەن.
More Stories
ياۋروپا ئۇيغۇر ئېنۇستىتۇتى 2024-يىللىق خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە مۇنبىرى
”خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونى»مۇھاكېمە يېغىنى ئېچىلىدۇ
شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلماقچى