نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

پارتلاتقۇچ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

Marco Rubio-Uyghur

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-مارت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى باش كاتېۋى ماركۇ رۇبىئو 14-مارت كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل تايلاند ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكىغا كىرىشتىن چەكلەش جازاسى ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن دەرھال بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇپ، 27-فېۋرالدا تايلاندتىن 40 ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشقا مەسئۇل ياكى شېرىك بولغان ئىگە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋە سابىق ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى يولغا قويدۇق. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى نەزەردە تۇتۇلغاندا، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرماسلىققا چاقىرىمىز.»

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قەتئىي كەسكىن قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداقلا باياناتتا داۋاملىق « قىرغىنچىلىق» ۋە «ئ‍نسانيەتكە قارشى جنايەت»سۆزىنى ئ‍شلەتكەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسدە مەيدانىنىڭ قەتئى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.