نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۆمەر قانات ياپونىيەدە ئىچىلىۋاتقان خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ تەخىرسزلىكى ھەققىدە سۆزلىدى

ئۆمەر قانات

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،21-ئېيۇل

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى يىللاردىن بىرى خەلقئارادىكى دىنى ئەركىنلىك تېمىسدا ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان مەزكۇر يېغىننىڭ توكيۇدا ئېچىلغان «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك يېغىنى ئاسيا قسمى»دا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مساللار بىلەن تونۇشتۇرغان ۋە باشقا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر بىلەن بىرلىكسەپ قۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گەرچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىر قسم دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنغان ۋە نۇرغۇن تەدبىرلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئىلىنغان، ختاي ئامالسز بىر قسم سياسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن بولسمۇ، لىكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ، ئادەتتىكى ھوقۇقى, بېخەتەرلىكى ۋە ھاياتى تېخى ھىچقانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغىنى يوق.

بۇ ساھەدە توختىماي ئىزدىنىشكە، ھەرىكەت قىلىشقا، بوشاشماسلىققا توغرا كىلىدۇ.داۋاملىق سۆزلەش، يېزىشقا توغرا كىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.