نورۋېگىيە تۈركىيەدىكى ئاپەتكە 275 مىليون تىلى ياردەم قىلىدۇ
ئېھسان شۈكران
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-فېۋرال
نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Anniken Huitfeldt نىڭ تىۋىتىر سەھىپىسىدە تۈركىيەدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشكە قارشى ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «نورۋېگىيە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا 150 مىليون بېرىدۇ. بۇ بىر چوڭ پاجىئە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجى تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە ئىنتايىن زور. بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئۈمىدسىز ئەھۋال. نورۋېگىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىدۇ»
بۇنىڭدىن باشقا نورۋېگىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان سەھىپىسىدە، يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىدىغان 4 مۇتەخەسسىسىنىڭ تۈركىيەگە يۇلغان چىققانلىقى ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا قارشى داۋاملىق تۈردە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان
پ ك ك قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئۆزگىرىش