خىتاي: پېلوسى تەيۋەنگە زىيارەتكە بارسا، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز دېدى. بايدىن: زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ئىيۇل
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەنگە زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغاندىن ھازىرغىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىدا بۇ ھەقتىكى كەسكىن باياناتلار ئۈزۈلمىدى.خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ :« كەسكىن ۋە قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىمىز» دېدى. خىتاينىڭ يېرىم باياناتچىسى خۇشى جىن :« خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىدۇ، تەيۋەن بوغۇزىدا مىسلىسىز كىرىسىز يۈز بېرىدۇ، ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ» دېدى.
سى ب ئەس خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار بىردەك نەنسى چوقۇم زىيارەتكە بېرىشى كېرەك، ئەگەر بارمىسا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن قورققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىدى.
بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە نەنسى پېلوسنىڭ تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، شى بايدىننى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرىدۇ دەپ خەۋەرلەر بېرىلدى.
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاي تەيۋەنگە كەلگۈسى12 ئاي ئىچىدە ھەربىي ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.
More Stories
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن
ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى