نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر قېرغىنچىلىقىنىڭ تېخنىكىلىق يۈزى:« مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى»ناملىق كىتاپ

ختتاينىڭ قورقۇنچلۇق كەلگۈسى نازارەت دۇنياسىنى پاش قىلىش: ئاپتور جىئوففىرى ف كاينى -بۇ نازارەت سستىمىسنىڭ بىر يالغۇز شەخس تەرىپىدىن پىلانلانمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

 

ئۇيغۇر قېرغىنچىلىقىنىڭ تېخنىكىلىق يۈزىمۇكەممەل ساقچى دۆلىتى»ناملىق كىتاپ

ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

25-ئېيۇن،2021-يىلى.

 

ختتاينىڭ قورقۇنچلۇق كەلگۈسى نازارەت دۇنياسىنى پاش قىلىش:

ئاپتور جىئوففىرى ف كاينىبۇ نازارەت سستىمىسنىڭ بىر يالغۇز شەخس تەرىپىدىن پىلانلانمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

جەف نۇرغۇن گۇۋاھچىلارنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئەخلاقتىن ھالقىغان پايدا قوغلىشىش ۋە چەكلىمىسىز دۆلەت ھوقۇقىنىڭ خەتەرنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ.

كاين تەدىرىجىي كېرىشىپ كەتكەن ئىككى نۇقتىنى شەرھلەشكە تېرىشىدۇ:

بىرى، ختتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى خوجايىنلىق ئۈچۈن ئۇرۇنۇشلىرى.يەنە بىرى ختتاي ئۆزى پەيدا قىلغان ئىچكى دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىشتىن ئىبارەت.

رايوندا،ئېتنىك ۋە دىنى باستۇرۇشلار بىلەن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان  رەقەملىك نازارەت قىلىش نازارەت سستىمىسى يارىتىش تىرىشچانلىقىبىخەتەرلىك مەستانىسى ئەمەلدارلار ، ئەخلاقسىز كارخانىچىلار نىڭ قولىدا ئەڭ خەتەرلىك پەللىگە ئۆرلىگەن،ئادەتتىكى ئامما بەدەل تۆلىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھېكايىسىبۇ كىتابنىڭ يادروسى.ئاپتورئامېرىكا، تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ،ئۇلارنى تەپسىلى زىيارەت قىلغان.ئۇلارنىڭ  ھېكايىسى ئارقىلىق ئومۇمى ئارقا كۆرۈنۈشنى يورۇتۇپ بەرگەن.

ئۇ ختتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلانغان مۇكەممەل نازارەت ۋە باشقۇرۇش ستىمىسىنى ئىنچىكە دىتاللارغىچە يورۇتۇپ بېرىدۇ.

2016-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بىر تۇتاش كونترول قىلىش سستمىسى ھەققىدە تولۇق ئىزدەنگەن كايىن ،بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە تەجرىبىسى، ختتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا چوڭقۇرلىشىدۇ.

 

مايسەمتۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىياليسى ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى ئازابلىق ھېكايىلىرىنى،خورلىنىش،قېيىنقستاقلارنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

ئىرفانبىر ئىنتېرنېت تېخنىك ئىنجىنىرى،ئۇ ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى خىزمەت تەجرىبىسى ئاساسىدا چۈشەندۈرىدۇ.

كاين يەنە،ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشدىكى تارىخى كۆرۇنۈشلەرگىمۇ ئورۇن بىرىدۇ.

ئۇ ھەمىشە داڭلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن تونۇلغان ژۇرنالسلىق خاسلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قىسم شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدالىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان.مەسلەن ئۇ خۇۋاۋى،ھايكى ۋىزيۇن قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان.

تۈركىيىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇنىڭغا زىيارەت قىلىنغۇچى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان.

مەزكۇر كىتاپختتاينىڭ  21-ئەسىر دۇنياسىدىكى ئەڭ رەھىمسىز باستۇرۇشقىرغىنچىلىقى تېخنىكىلىق تەرىپىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدۇ.

 

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.