نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

مۇھىم خەۋەر: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ختاي «شنجاڭنى تەلتۆكۈس يېڭى ماركىدا تەشۋىق قىلماقتا.»

ئەركىن ئۇيغۇر، 8-يانۋار، 2024-يىلى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن سى ب ئەس خەۋەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ختاي كومپارتىيسنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا يېڭىدىن باشلىغان «شنجاڭنى يېڭى ماركىدا تونۇشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھەققىدە قسقا ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلىگەن.

مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىمدە، ختاينىڭ پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سياسىتى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىماي، «شنجاڭ» ئۈچۈن يېپ-يېڭى بىر ئوبراز ياراتماقچى بولۇۋاتقان ئ‍ۇرۇنۇشى ۋە ھەرىكەتلىرى» ئاساسى تېما قىلىنغان. ختاينىڭ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك ئېقتسادى قۇرۇلۇش تۈرلىرى، چەتئەللەر بىلەن بولغان ساياھەت ئالاقىسى تونۇشتۇرۇلغان.ختاي ياراتماقچى بولغان يېڭى ئوبراز بولسا-ئېقتسادى ئ‍ۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان شنجاڭ، كۆپ مىللەتلىك شنجاڭ، دۇنياغا ئېچىۋىتىلگەن شنجاڭ دىگەندىن ئ‍ىبارەت بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ، ئۇيغۇر نامىنى ئ‍ۇنتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى ھەر قانداق چۈشەنچە-ئۇقۇمنى يوققا چېقىرىشتىن ئىبارەت.

ختاينىڭ توختىماي ئىلىپ بىرىۋاتقان پىروپاگاندالىرى ۋە خەلقئارادا يۈز بىرىۋاتقان ئۇرۇشلار -دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئ‍ۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئىلىپ بارماقتا، ئۆتكەن 3 يىلدا، ختاينى ئەيىپلەيدىغان سادالار ئەسلىدىكى 51 دۆلەتتىن كۆپەيمىگەن، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر 2021-يىلقىدىن كۆرىنەرلىك ئازلىغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.