ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر رۇسىيەگە 40 مىڭ دانە راكېتا بومبىسى ياردەم قىلغان
ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 11-ئاپرېل
«فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى»نىڭ 11- ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلەر ئىچىدىن بۇ يىل 17-فېۋرال مىسىر پرېزىدېنتى ئابدېل فاتاخ ئەل سىسسى نىڭ يوشۇرۇن ھالدا رۇسىيەگە 40 مىڭ دانە راكېتا بومبىسى ياردەم قىلغانلىقىغا دائىر مەخپىي ھۆججەتتىن بىرى بايقالغان.
مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە پرېزىدېنت سىسسى بىلەن مىسىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ 17-فېۋرال ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى خاتىرىلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، سىسسى ھەربىي ئەمەلدارلارغا راكېتا بومبىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەش ھالقىلىرىنى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇشى كېرەكلىكىنى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بۇ مەسىلە ئارقىلىق توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىغان مەزمۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، مىسىرنىڭ رۇسىيەگە ئەۋەتكەن راكېتا بومبىلىرىنىڭ سانى 40 مىڭغا يېتىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان 18 زاۋۇتتا ياسالغان ئىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ ھەقتە مىسىر تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئەخمەت ئەبۇ زەئىد نى زىيارەت قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: « مىسىر ئىزچىل ھالدا بۇ ئۇرۇشقا ئارىلاشماسلىق مەيدانىنى تۇتۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ بىلەن ئوخشاش ئارىلىق ساقلاش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىز داۋاملىق ھالدا ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن پەرمانلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىشنى توختىتىپ سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمىز.»
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»