نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

«مىنىڭ دادام خەن گاۋزۇ»دەپ رومان يازغان ئۇيغۇر بالا ختاينىڭ داڭلىق يازغۇچسى بولۇپ باھالانغان

atam han gawzung

ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان خەلقىگە تۈرلۈك زۇلۇم ۋە تەشۋىقات-ئاسسلماتسيە سياسەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە.

ختاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ختاي رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 1995-يىلى تۇغۇلغان بۈگۈرلۈك ئۇيغۇر بالا ئەلتام پەرھات 2023-يىلى ختاينىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچسىغا ئايلانغان. ختاينىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ نامنى  دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىي ئەدەبىيات تور بېكىتى «جۇڭگو ئەدەبىياتى تورى»نىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ «ئاتام خەن گاۋزۇ» ناملىق ئەسىرى 2022-يىلىدىكى ئەڭ بازارلىق رومان بولۇپ قالغان ھەم يۆۋېن گۇرۇھىنىڭ تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئەلتام پەرھاتنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدا يەنە بىر يېڭى كىتابى ئالقىشلىنىپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ قېتىم ختاي تىل-ئەدەبىيات تورىدا تارىخ تۈرىدىكى كىتابلار ئىچىدە بازىرى ئىتتىك بولۇش تىزىملىكى، ئوقۇش كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە بىرىنچى بولغان.

بۇ ختاينىڭ ئاسسلماتسيە سياستىدىكى يەنە بىر خىل قەدەم ۋە تاكتىكا ھسابلىنىدۇ.

1 thought on “«مىنىڭ دادام خەن گاۋزۇ»دەپ رومان يازغان ئۇيغۇر بالا ختاينىڭ داڭلىق يازغۇچسى بولۇپ باھالانغان

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.