تەييارلىغۇچى: ئىقبال
كوررېكتور: مەنزىل
دەردىڭلارغا دەرمان بولالمىسام،
زىمىندىن سۈپۈرىۋىتىڭلار،
ئازگاللارغا كۆمۈۋىتىڭلار،
دېڭىزغا تۆكۈۋىتىڭلار،
ئىسمىمنى ئۆچۈرۋىتىڭلار.
ھەسرىتىڭلەردە يانالمىسام،
ۋىجدانسىز دەڭلار!
ئىنسانلىقتىن چىقىرىۋىتىڭلار!
يولۇڭلاردا ماڭالمىسام،
توكۇر بولسۇن دەپ،
لەنەت ئوقۇپ قاغىۋىتىڭلار!
ئۇيغۇرمەن،
ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنمىسام ئەگەر،
يىگەنلىرىم سىڭسۇن بوپ زەھەر!
ئۇيغۇر ئۈچۈن ياشىيالمىسام،
مىنى ئۇرسۇن ۋەھىملىك مەھشەر!
ئامىن دەڭلار…
ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇش بەختىم،
يات قولىدا بولسىمۇ تەختىم.
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلەلمىسەم،
سەرسان ۋىجدانلار…
مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۋىتىڭلار…
More Stories
كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمىز؟
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماسلىق ۋە ساتماسلىق ھەققىدە
ئۆمەر قانات 15- ئىيۇن ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دېپلومات ژورنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغان