Reuters تورى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 15. ئاپرىل
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2020-04-15
MI6نىڭ سابىق باش جاسۇسى خىتاينىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى تارقىلىشىنى يوشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەنگىلىيە(Reuters)- ئەنگىلىيە MI6 چەتئەل ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق مەسئۇلى چارشەنبە كۈنى ، خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىن يوشۇرغانلىقىنى ، شۇڭا خىتاينىڭ ئۆز ئالدامچىلىقى ئۈچۈن جاۋاپ قايتۇرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغان ماددىي ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىلگەن ماددىي ياردەم خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى ئىلگىرى سۈرىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

ئەنگىلىيە مەخپىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ (MI6) مەسئۇلى جون ساۋېرس، 2009.يىلىدىن 2014.يىلىغىچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورنىغا خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتىشنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سارۋېس ئەنگىلىيە رادىيو- تېلىۋىزىيە شىركىتىگە بەرگەن باياناتىدا “ ئامېرىكىدا ، كىشىلەر بولۇۋاتقان ئىشلارغا ، خىتاي ھەممىمىزگە كەلتۈرۈپ چىقارغان بالايى ئاپەتلەرگە نىسبەتەن خىتايدىن چوڭقۇر نەپرەتلىنىۋاتىدۇ ، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغانلىقى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇسنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن قېچىۋاتىدۇ، خىتاي خەلقى ھەقىقەتەن غەرپتىن ۋىرۇسقا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى يوشۇرغان” دېدى.
ئەسلى مەنبە: Reuters
https://www.reuters.com/article/us-health-coronavirus-britain-china-idUSKCN21X0VY
More Stories
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش ئالاھىدە كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يېغىنى ئۆتكۈزىدۇ
گوۋېنگۇي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۇرالغۇسىغا ئوت كەتكەن
ماركو رۇبىيو پات يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى