تۇرغۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22- فېۋرال
22- فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزلىۋاتقان ب د ت ۋەكىللەر يېغىنى تور نۇتۇقىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ب د ت ۋە باشقا دوكلاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بۇ توغرىسدىكى قايغۇ ۋە ئۈمىدلىرىمىزنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاقلىشۋاتىمىز. بۇ تېما ھەققىدە ئاشكارا بولۇشنى كۈتىمىز. تۈركىيە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت كۆرستىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىمىلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ب د ت يۇقىرى كېڭىشنىڭ رايونغا مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيارەت ھەققىدىكى ئەھۋاللارغىمۇ داۋاملىق دىققەت قىلىمىز. خىتاي تەكلىپى بويىچە، ئۆز مىللىي ھەيئىتىمىزنىمۇ رايونغا زىيارەتكە بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتىمىز.
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان
پ ك ك قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى ئۆزگىرىش