ئامىنە سەدەف خەۋىرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر
ياش شائىر ئىمران سادائىنىڭ پىلانلىشى ، ئۇيغۇر پىروجەكتىنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللاپ -قۇۋۋەتلىشى بىلەن 25- سېنتەبىر ئىستانبۇل تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبىسىدە « مەھمۇت قەشقەرى شىئېركېچىلىكى » مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى .
كېچىلىككە تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ، ژۇرنالىست ئەلى رىزا ئەپەندى ، بۇرسا ئۇلۇ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىراففىسورى ، شائىر ۋە مۇزىكانت دوتسېنت ئەردەم ئۆزدەمىر ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ، پېشقەدەم ئۇيغۇر شائىرەسى نۇر ئەلا كۆكتۈرك تۈرك ۋە بىر قىسىم ياش شائىرلار ۋە شىئېر ھەۋەسكارلىرى قاتناشتى .
بۇ قېتىملىق كېچىلىك تۈرك تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى ئالدى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى مەھمۇت بېيىكلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى . ئارقىدىن ياۋرۇپا مۇقام ئانسامبىلى ئەزالىرىدىن مۇختەر جانباز ، مۆمىنجان ئەپەندىلەر ۋە جىنەستە خانىم بىر قانچە مۇزىكا ئورۇنلىدى . پىروففىسور ئەردەم ئۆزدەمىز ئەپەندى ئۇيغۇرچە ناخشا ئوقىدى ۋە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ، ئالىمجان غەمناكى ، مەخمۇتجان قاتارلىق شائىرلار شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى .
پروگرامما باشتىن ئاخىر قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھاياجان بىلەن داۋاملاشتى .
بۇ خىلدىكى شىئېر كېچىسى ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى پات – پات ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىئىرىيتىنى قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
20210926042122.jpeg)

20210926042210.jpeg)

More Stories
شىمالىي ياۋروپانى كۈلدۈرگەن مەشرەپ ۋە مىڭ ئۆي
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە، قاتناشقۇچى ئۇيغۇرلار »ئاممىۋى غەزەپ»كە دۇچ كەلمەكتە
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇۋېتىلدى: