نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

«رەقەملىك يۇرت»ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسيادا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئېيۇن

ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئالمائاتالىق 36 ياشلىق ئۇيغۇر ياش سەئىد 2022-يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئ‍نستگرامدا «رەقەملىك يۇرت» نامىدا مەزمۇن ئ‍شلەپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقاتماقچى،قوغدىماقچى بولغان.

ئونلىغان ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇن ئ‍شلەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئەركىن ياۋروپا رادىئ‍وسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان سەئىد ماھىموۋ ( Said Maximov ) مەزكۇر سۇپا ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلغان مونتىسسۇرى مەكتىپىگە ئىئانە توپلىغان.

سەئىد بۇ يىل 5-ئاينىڭ 30-ۋە 31-كۈنلىرى چېخىيەنىڭ پىراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن « Unlock 2024 »كونفىرانسدا، سۆزلەپ، «بىزنىڭ نىشان زىيارەتچىلىرىمىز ياشلاردىن ئىبارەت، مەسلە شۇكى، مەزمۇنلار كۆڭۈل ئېچىشقا مەركەزلىشىپ، خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بولماي قالغان.»

«ياشلار ئۆز تارىخىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ.ئەمما ئىلگىرىكى ئەۋلاد ياشىغان جايلار ۋە ئ‍شلار ئۇلارغا كۆرۈنمەيدۇ،شۇڭا بىز رەقەملىك خىزمەتكە ئايلاندۇق.

ۋەتەندىكى ۋەزىيەتكە كۆز يۇمالمايمىز!

سەئىد ماھىموۋ مۇنداق دېگەن:

«تارىخى ۋە بۈگۈن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئ‍شلارغا قاراپ، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشلەر سۈكۈت قىلىش ياخشى دەپ ئويلايدۇ.بۇ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بەزىلەر ماڭىمۇ شۇنداق دېدى.ئەمما ۋەتەندە بولۇۋاتقان ئ‍شلار راس.بىز ئۇنىڭغا پەرۋاسىز تۇرالمايمىز.»

بىزنىڭ غايىمىزدىن بىرى -كىشلەرنى تەربىيلەشتۇر، بىز كىشلەرنىڭ ختاينىڭ بىزنى «تىرورچى»دەيدىغان يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشنىشنى خالىمايمىز.ختاي ھۆكۈمىتى مىنىڭ خەلقىمنى ئازاپلاش ئارقىلىق دۇنياغا سزنىڭمۇ ختايغا قارشى چىقسڭىز ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسەتتى.

سەئىد بۇ گۇرۇپپىنىڭ ھېچقانداق سياسىي نىيىتى يوقلۇقىنى، بۇ خىزمەت ئارقىلىق يېڭى ئەۋلادقا ئۇيغۇر تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە بىز ياشلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ، كىشىلەرنى تېخىمۇ تېخنىكىغا پىششىق قىلىش ، تىل ئۆگىتىش ۋە سودا ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.