ماكرون: روسيە ختاينىڭ بېقىندىسغا ئايلىنىپ قالدى. روسيە:بېقىنىش مەۋجۇت ئەمەس.
ماكرون پارس كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتىگە بەرگەن زىيارىتىدە، روسيە ختاينىڭ ئەگەشكۈچى (ياكى بېقىندى دۆلەت)گە ئايلىنىپ قالدى، شېۋىتسيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا قوشۇلۇشى–روسيەنىڭ بالتىق رايونىدا ئۇتتۇرغانلىقىنىڭ ئسپاتى، ئىككى يىل بۇرۇن بۇلار مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دىگەندىن كىيىن،روسيە تاشقى ئشلار باياناتچىسى رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دىدى: غەرپ بۇنىڭدىن كىين موسكىۋا بىلەن بيجىڭنىڭ مۇناسۋىتىدە بېقىنىش مەۋجۇت ئەمەس، بۇ بىر ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق.غەرپ –ختتاي ۋە روسيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قۇتۇپلۇق بىر دۇنيا تەرتىۋىنىڭ شەكىللىنىشدىن قورقىدۇ.بۇ ھامان يۈز بىرىدۇ، غەرپ بۇنىڭغا كۆنۈشى كىرەك.»
روسيە 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كىين، روسيە غەرپنىڭ ئېقتسادى جازاسغا دۇچ كەلدى.غەرپنىڭ ياردىمى ۋە قوراللىرى بىلەن كۈچلەنگەن ئۇكرائىنا بىر يىلدىن بىرى دۇنيادىكى ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيە –روسيە بىلەن سوقۇشۇپ كەلمەكتە. روسيە بىر ھەپتە ئىچىدە پايتەخت كىيۋنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلىغان بولسمۇ ئەمما ھازىرغىچە ئۇرۇشتا يېڭەلىگىنى ۋە مەقسەتكە يەتكىنى يوق.بۇ جەرياندا ئاجىزلاشقان روسيە ئېقتسادى،دىپلوماتىيە جەھەتتە ختايغا ئىغىر دەرىجىدە بېقنىشقا مەجبۇر بولماقتا.
More Stories
مايك گاللاگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كورونا ۋىرۇسىنىڭ لابوراتورىيەدىن تارقالغانلىقىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھېساب سوراشقا چاقىردى.
رۇبىئۇ: ئەگەر بىز ھازىرقى ئوخشاش يولدا ئون يىل ماڭساق، ختاي ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ
ختاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «بىرنەچچە تال ئامېرىكا قورالى ئىككى قىرغاقنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ»