ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 09-دېكابىر
كوسوۋونىڭ يەرلىك تاراتقۇسى Alsat نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، كوسوۋونىڭ ئايال پرېزىدېنتى ئوسمانى(Vjosa Osmani) خانىمنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بۈگۈن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، لىتىۋانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.( ئەسكەرتىش: يېڭى زېلاندىيە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئەمەلدار ئەۋەتمەسلىك قارارىنى پۈتۈنلەي ۋىرۇس سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرگەن.ت)
ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان
More Stories
ئنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى يەنىلا ئۈنۈمسىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فرانسىيەدە خۇاۋېي، خىكۋىژىن، داخۇئانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىكلىك جنايتى توغرىسىدا قانۇنىي شىكايەت سۇندى
فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى