نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

كونىيادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تۇران ئىللىقلىقى سەنئەت كېچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلى سۆزلەندى

كونىيادا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تۇران ئىللىقلىقى سەنئەت كېچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلى سۆزلەندى

 ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 30-ئاۋغۇست

25_ئاۋغۇست كونىيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «  تۇران ئىللىقلىقى» نامىدىكى چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە  ”لاگېر قۇربانلىرى“ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ ، كېچىلىكتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىلغان.‌ كېچىلىككە قاتناشقان ”لاگېر قۇربانلىرى“ ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئاڭلاتتى. 
پائالىيەتچىلەر يەنە كېچىلىككە قاتناشقان مىڭلىغان تاماشىبىنلارغا تەشۋىقات ۋاراقچىللىرى تارقاتتى ۋە ئىمزا توپلىدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.