كالىفورنىيەدە بىر خىتاي تەيۋەنلىكلەر چېركاۋىغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن، سەۋەبى تەيۋەنگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىكەن
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 17-ماي
يەكشەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان بىر خىتاي لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىن ئورەنج ناھىيەسىگە كېلىپ بۇ يەردىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ چېركاۋىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان. كالىفورنىيە شتاتى ئورەنج ناھىيەسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھۇجۇمدا 52 ياشلىق دوختۇر چىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە باشقا تۆت نەپەر كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇم قىلغۇچى داۋىد چوۋ 68 ياشقا كىرگەن خىتاي بولۇپ، 1948-يىلى تەيۋەنگە ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆچۈپ بارغان، بالىلىق دەۋرىدە تەيۋەندە ياخشى كۈن كەچۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك تەيۋەنگە ئۆچمەنلىك قىلغان،كېيىن ئامېرىكىدا چوڭ قۇرۇقلۇق خىتايلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
مەزكۇر ۋەقە تەيۋەندە غايەت زور تەسىر قوزغاپ، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىشىش چۈشىگە كۆلەڭگە كەلتۈردى دەپ قارالماقتا.
More Stories
ئامېرىكا ئۇرۇش منستىرى خىتاي بىلەن مۇناسۋىتى ھەققىدە يېڭى بايانات بەردى
ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 5 سانائىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك چەكلىمە قويدى