نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

جوۋ بايدىن ئەنئەنە بويىچە مىننەتدارلىق بايرىمىدا ئىككى كۈركە توخۇنى كەچۈرۈم قىلدى

ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 21-نويابىر

1942-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ماقۇللىغان قانۇن لايىھەسى بويىچە، ھەر يىلى نويابىرنىڭ 4-پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىلىقلار «مىننەتدارلىق بايرىمى»نى تەبرىكلەيدۇ. ھەر يىلى مىننەتدارلىق بايرىمىدا، ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا ھساب بىلەن 46 مىلىيون توخۇ يەيدۇ. بۇ يىل «ئەركىنلىك» ۋە « قوڭغۇراق » ئ‍سملىك ئىككى توخۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاشقازىنىدىن ئامان قالىدۇ.

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 23-نويابىر كىلىدىغان مىننەتدارلىق بايرىمى ئۈچۈن «ئەركىنلىك » ۋە «قوڭغۇراق» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۈركە توخۇنى ئاق سارايغا ئەكىلىپ، كەچۈرۈم قىلدى. بۇ ئەنئەنە 60 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى توخۇ كەچۈرۈم قىلىش ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى چاقىرىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، كىچىك بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئالدىدا توخۇلارنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.