ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ب ب س قانىلىغا گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
ئۆز مۇخبىرىمىز ئازات خەۋىرى
18- ئاپرىل، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى بولغاننىڭ ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، لاگىرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن داڭلىق ب ب س مۇخبىرى جون ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قېلىپ جەم بولالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سالدى.
گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە تەخمىنەن يۈز ئەتراپىدا كىشى كەلگەن بولۇپ، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا-ئاتا ئانىلاردىن سىرت، ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى لاگىرغا ياكى تۈرمىلەرگە سولانغان كىشىلەرمۇ ئاكتىپلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى.
گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئالتە سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋەتەندە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى بايان قىلىپ كۆز يېشى قىلىشتى. مۇخبىرلارمۇ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي زۇلۇمىنى توختۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشى خەۋەر ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
More Stories
تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» 7 نەپەر خىتاي جاسۇسىنى تۇتقان