نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئىستانبۇلدا «ئاپتور ۋە ئوقۇرمەن ئۇچرىشىشى » نامىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا «ئاپتور ۋە ئوقۇرمەن ئۇچرىشىشى » نامىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – ئۆكتەبىر

10- ئاينىڭ 23 – كۈنى ، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىدە‌  شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن قەلەمكەشلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى . 

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا  تونۇشلۇق بولغان ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ،يازغۇچى ، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ، شائىر ئابدۇلخەبىر قادىر( ئەركان ),  مەخمۇتجان ياسىن ، ئالىمجان مەتقاسىم( غەمناكى), ئىمران سادائى ، ئابىدە ئابباس (نەسرىن ) قاتارلىق بىر قىسىم‌ ياش شائىرلار قاتناشتى . 

مەخمۇتجان ياسىننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت شېئىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە سۇئال _ جاۋاپ شەكلىدە ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى . پائالىيەت جەريانىدا شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى . پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مۇزىكانت جىنەستە ۋە دوستلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەتكە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى . 

 

 

 

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.