ئىقتسادشۇناش ژۇرنىلى : خىتاينى ئىستراتىگىيلىك رەقىپ دەپ قاراش ـ ئامېرىكا ئىككى پالاتادىكى ھەربىيلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئورتاق تونىشىدۇر
فىرانسيە خەلقئارا رادىئوسى خىتايچە بۆلىمى
خوڭكوڭلۇق تەكلىپلىك مۇخبىر : جىن شۇجى
ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018ـ يىلى 21- كۈنى
تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئىقتسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ ( Economist ) ئەڭ يېڭى سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئامېرىكا – خىتاي رىقابىتىنى تېما قىلغان بىر رەسىم بېسلغان بولۇپ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئامېرىكدىكى ئىككى پارتىيە، دىپلۇماتلار، ھەربىيلەر ۋە سودا ـ سانائەتچىلەر خىتاينىڭ ئىستراتىگىيلىك رەقىپ ئىكەنلىكى توغرسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلگەن . بۇ 19- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىش. ماقالىدە يەنە پىرزدىنت تىرامىپنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزتسىيسى ۋە توغرا قارالىرى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن، شۇنداقلا ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ پەقەت تاكتىكغىلا ئەمەس بەلكى مۇكەممەل بىر ئىستراتىگىيلىك پىلانغا ئىھتياجلىق ئىكەنلىكى بايان قىلنغان .
ماقالىدە كۆرستىلشچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ تۆتىنجى چارىكىدە (1975ـ2000 غىچە) ئامېرىكنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيسى « يېقىنلىشىش ۋە بىردەكلىك ھاسىل قىلش » ئىتقادىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ ، سىياسي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى يېقىنلىشىش جوڭگۇنىڭ باي بولىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە ئېچۋىتىش ، كۆپ خىللىشىش ۋە دىموكراتىيەنىڭمۇ تەرەققىي قىلشىغا پايدىلىق بولغان . ئەلۋەتتە بەزى كىرىزىسلارمۇ بولمىغان ئەمەس .مەسلەن، 1996- يىلىدا تەيۋەن دېڭىزىدىكى ئەسكىرى تىركىشىش ۋە 2001- يىلدىكى خەينەن ھاۋا بوشلىقدىكى ئايرۇپىلان سوقۇلۇپ كېتىش قاتارلىق كىرىزىسلار يۈز بەرگەن . لىكىن ئامېرىكا پەقەت خىتايغا توغرا بىر شەكىلدە نەسىھەت ۋە ئىلھام بېرىلسە ئەڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ خەلقئارا سىسىتىمىدىكى ياخشى بىر « مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى بولالايدىغانلىقىغا قەتئي ئىشەنگەن ئىدى.
لىكىن ھازىر بۇ « يېقىنلىشىش ۋە بىردەكلىك ھاسىل قىلش » ئۆلدى. ئامېرىكا ھازىر خىتاينى ئۆزىگە بىر رەقىپ دەپ قاراپلا قالماي يەنە رەزىل بىر كۈچ ، شۇنداقلا قائىدە تەرپكە بويسۇنمايدىغان دۆلەت دېگەن قاراشقا كەلدى. تىرامىپ خىتاينى ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ۋە سىياستىگە ئارلىشىش ، پەن تېخنىكا ۋە ئەقىل مۈلۈك بايلىقىنى ئوغۇرلاش، ئادالەتسىز تىجارەت قىلش، ئاسىيانىڭلا زومىگىرى بولۇشتىن سىرىت ،يەنە مەخپى ھالدا دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇشنى پىلانلاش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيپلىمەكتە .
ماقالە يەنە ، مۇئاۋىن پىرزدىنت مايىك پەنسنىڭ خىتاينى بۇرۇنلا « پۈتۈن ھۆكۈمەت بويىچە ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش» ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقنى كۆرستىپ ئۆتكەن . ئونىڭ نوتىقى يېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇشنىڭ باشلندىغانلىقىدىن بىشارەت بېرۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ قانداقتۇر مايىك پەنس ۋە ئونىڭ باشلىقى تىرامىپنىڭ شەخسى كۆز قارشى ياكى دېمگراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر نىڭ ئىچىدە كىمنىڭ خىتايغا تېخىمۇ ئۆچ ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 40- يىللىرىدىن بۇيان ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەر ، دىپلوماتلار ۋە ھەربىيلەر تۇنجى قېتم بۇنداق تىز سۈرەتتە ئورتاق تونۇشقا كىلىش ئارقلىق ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئېدولوگىيە ۋە ئىستراتىگىيە جەھەتتە يېڭى بىر دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ ـ يۈز ۋەزىيەتتە تۇرۋاتقانلىقنى كۆرسەتتى .
ماس قەدەمدە ،خىتايمۇ پوزىتسىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە باشلىدى.جۇڭگۇنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىللىرى داۋاملىق ئامېرىكا مەخپى بىر شەكلىدە خىتاينىڭ باش كۆتۈرشىنى توسۇپ كېلۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلشاتتى. بۇ خىتاينىڭ نىمە ئۈچۈن بېشىنى ئىچىگە تىقۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى يۇشۇرۇش ئارقلىق ئامېرىكا بىلەن قارشىلىششتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئىدى . لىكىن كۆپ قىسىم خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ، 2008- يىلدىكى ئىقتسادى كىرىزىس خىتاينىڭ ئەمدى يەنە ئۈن چىقارماي ، گىپىنى يۈتىۋىتىپ يۈرىشىنىڭ ھاجىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگۇ قەد كۆتەردى ، بۇ دېگەنلىك ئامېرىكا چېكىنشكە باشلىدى دېگەنلىك بولىدۇ. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنياغا مەغرۇرلۇق بىلەن «جۇڭگۇ ئارزۇسى» نى جاكارلىدى . خىتايلارنىڭ قارشچە ، ئامېرىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىغا باقماي خىتاينى ئۇنى بۇنى دەيدىغانغا ھوقۇقى يوق ئىدى. «بېشىنى ئىچىگە تىقۋېلىش » سىياستى ئاللىقاچان زامانغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
ئىقتسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ كۆرستىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال تولىمۇ دىققەت قىلشقا ئەرزىيدۇ . خۇددى خارۋارد ئۇنۋىرستىتى پىروففسورى گىراھام ئاللىسىن ئېيتقاندەك ، تارىخ بىزگە شۇنداق دېمەكتە ، زومىگەرلىك تالىشش خۇددى ئامېرىكا ۋە قەد كۆتۈرگەن خىتايغا ئوخشايدۇ، ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت ناھايتى تىزلا كەسكىن بىر مەيدان تۇتۇشۇشقا ئايلىندۇ.
ماقالىدە كۆرستلىشچە، تىرامىپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى تۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ ئىشنى توغرا قىلغان . باشتا، ئامېرىكا چوقۇم كۈچلىنشى كېرەك. ئامېرىكا كارخانلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى شىركەتتىن بىۋاستە ئالماي ۋاستىچىدىن ئېلىپ سېتش ياكى كارخانلارنى بىرلەشتۈرشكە قارتا نازارەت قىلشنى كۈچەيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن موھىم بولغان ئىشلار. ئامېرىكا يەنە جاسۇسلۇق دىلوسى بىلەن باغلىنشى بولغان بىر نەپەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنى بىلگىيەدىن ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا ، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە چەتئەل ياردەم مەبلىغىنمۇ ئاشۇرۇپ خىتاينىڭ سىرتقا قارتا كىڭەيمىچىلكىگە تاقابىل تۇردى.
يەنە تىرامىپ ئامېرىكىنى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قاراپ سىياسەت بەلگىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرسىدا ئاگاھلاندۇردى. بۈگۈنكى مەۋجۇت تىجارەت سىستمسى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگلىگىدىكى كارخانلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ۋە تىجارەت مەنپەتىنى بىربىرىگە ئارلاشتۇرۋىتشتەك قىلمىشلىرىنى توسۇشقا ئامالسىز. دۆلەت ئىگلىگىدىكى كارخانىلار دۆلەتنىڭ تولۇقلىمىسى ۋە قوغدىشىغا ئېرشىدۇ ، چەتئەلدە كۆپ خىل قوللىنشچان تېخنىكىنى سېتۋالدۇ ياكى خەلقئارا بازارنى قالايمىقان قىلىدۇ. خىتاي پۇلنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرستۋاتىدۇ. مەسلەن ، ياۋرۇپا ئىتپاقىدا . ياۋرۇپادىكى پارتىيەلەر، ئەقىل ئامبارلىرى ۋە ئۇنۋىرستىتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى ئۆزىنىڭ ياردەم مەنبەسىنى سىرتقا قارتا تېخمۇ ئېچىشقا ئىھتياجلىق .
تىرامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ 3- توغرا قىلغان ئىشى بولسا، بۇ پىرزدىنتنىڭ ئەنئەنۋىي كۆز قاراشلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكىدۇر ۋە مانا بۇ خىل چۈشەنچە رەسمىي ئۈنۈمىنى كۆرستۋاتىدۇ. تىرامىپ ھەم نىمە ئويلىغىننى بىلگىلى بولمايدىغان ھەم دائىم ئۆزگىرىپ تۇردىغان شەخس. لىكىن كانادا ۋە مېكسىكا بىلەن بولغان تىجارەت توختامىدا ئامېرىكىنىڭ «بوزەك قىلش » پوزتسىيسى ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن . توغرا، خىتاينى ئۇنداق ئاسان بوزەك قىلغىلى بولمايدۇ. ئونىڭ ئىقتسادى مىكسىكا ۋە كاناداغا ئوخشاش ئو قەدەر ئامېرىكىنىڭ ئىكسپورتىغا تايىنىپ قېلىغلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شى جىنپىڭمۇ خىتاي خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي ئارزۇسى» دىن ۋاز كەچمەيدۇ. لىكىن تىرامپنىڭ توختىماي قوچۇپ قالايمىقان قىلشى ئاللىبۇرۇن خىتاي رەھبەرلىرىنى ساراسمىگە سېلۋەتتى. ئۇلار يەنە ئامېرىكىنى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىقتسادشۇناس ژۇرنىلىنىڭ دېيشچە، تىرامىپ تاكتىكىغا ئەمەس بەلكى ئىستراتىگىيەگە ئىھتىياجلىق . ئامېرىكا باشتا ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنى تەشۋىق قىلشى كېرەك . تىرامپنىڭ ھازىر قىلۋاتقىنى قارىماققا ھەقىقەتنىڭ كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كىين شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ يەرشارىۋى « بەدەل تۆلىگۈچى» بولۇش قىممەت قارشىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ بىلگىننى قىلىپ مېڭىۋەرسە، ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي بىر كۈچ بولۇشتەك ئوبرازى خۈنۈكلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئالىدىدا غەربنىڭ ھەرقانداق دېمكراتىيسىنى سۆزلىگەننىڭ پايدسى يوق بولۇپ قالىدۇ .
ماقالىدە كۆرستىلشچە، بۇ ئىستراتىگىيە خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىي قىلشىغا يول قويىشى كېرەك . يەنى بۇ دېگەنلىك خىتاينىڭ تەسىر دائىرسىنى كىڭەيتىشىنمۇ قوبۇل قىلش كېرەك دېگەنلىكتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولماي خىتايغا ھىچقانداق پۇرسەت بەرمەي پۈتۈنلەي بېسملا ئىشلەتسە بۇ خىل ۋەزىيەت ئاخىرىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كىلىپ خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ساقلاپ قېلىپ ، ئورتاق تەرەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا سىتراتگىيسى يەنە ئۆزىنىڭ ئىتپاقداشلىرىنمۇ تۈرگە ئايرىپ چىقشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى كېرەك. سودا جەھەتتە ، تىرامىپ چوقۇم ياۋرۇپا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق كونا ئىتپاقداشلىرى بىلەن بىرلكىتە خىتايغا بېسىم ئىشلتىپ ئۆزگىرشكە مەجبۇرلىشى كېرەك. مۇداپىئە جەھەتتە بولسا، تىرامىپ ئاۋسترالىيە ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق كونا دوستلىرىغا جىق گەپ قىلىپ يۈرمەي ھىندستان ۋە ۋىيتنامغا ئوخشاش باشقا يېڭى دوستلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى لازىم. ئىتپاقداشلار ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرشىدىكى ئەڭ ياخشى كۈچتىن ئىبارەت.
مەنبە: http://m.cn.rfi.fr/中国/20181021-经济学人视中国为战略对手已成美国两党军方及商界共识?ref=fb_i